9.ئەپچاق ئىچىدىكى ئۈندىدار توپ توغرىسىدا:
9.1سۇپا ئىچىدىكى تىزىملىكتە توپلات دىگەن خەت بار، بۇنى باسسىڭىز ئۈندىدار توپلىرى كۆرىنىدۇ، بۇ سۇپا لايىق تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتىغا تەۋە ئەمەس، بىرگە-بىر لايىق ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، دوست تۇتۇش نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلمايدۇ، توپتىكى ئادەم سانىغا كاپالەتلىك قىلمايدۇ.
9.2.ئۈندىدار توپ تۈرلىرى ۋە تەكشۈرۈش قائىدىلىرى
سۇپىدىكى توپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، تەكشۈرۈش قائىدىلىرى قاتتىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ:
9.3 ئوقۇش تارىخى چەكلىنىدىغان توپ
پەقەت باكلاۋۇر، ماگىستىر، دوكتورلۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.
سۇپا پەقەت ئىشلەتكۈچىلەر تاپشۇرغان ئوقۇش تارىخى ماتېرىياللىرىنى شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، تەكشۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن توپقا كىرگۈزىدۇ. ئوقۇش تارىخىنى يالغان ئويدۇرۇپ چىقىش، يالغان مەلۇم قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، سۇپا بىۋاسىتە توپتا پاراڭلىشىش ھوقۇقىنى چەكلەش، توپ پاراڭلىشىشتىن چىقىرىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە، تۆلىگەن ھەق قايتۇرۇلمايدۇ.
9.4 ئومۇيى توپ، باشقا توپلار
ئومۇمىي توپتا ئوقۇش تارىخى تەكشۈرۈلمەيدۇ، نىكاھ ئەھۋالى تەكشۈرۈلمەيدۇ، سالاھىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى تەكشۈرۈلمەيدۇ.
ئالاھىدە چۈشەندۈرۈش: بۇ سۇپىنىڭ پۇقرالارنىڭ لايىق تىزىملاش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى، سىستېمىسى ۋە يولى يوق، ئىشلەتكۈچىنىڭ توي قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرەلمەيدۇ. بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توي قىلغان-قىلمىغانلىقى، مۇھەببەتلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى ۋەدە قىلىدۇ ۋە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، سۇپا ھېچقانداق كاپالەت بەرمەيدۇ ۋە تەكشۈرمەيدۇ.
9.5 ھەقلىق مۇلازىمەت ۋە قايتۇرۇپ بېرىش قائىدىسى
9.6 ئىشلەتكۈچى ھەق تۆلەپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋېيشىن توپىغا كىرسە، بۇ سۇپىنىڭ بارلىق مۇلازىمىتى تولۇق ئادا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
9.7 تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە ھەق قايتۇرۇلمايدۇ:
• توپتىكى ئادەم سانىنىڭ كۆپ-ئازلىقى، يېڭىدىن قوشۇلغان ئادەم سانىنىڭ تېز ياكى ئاستىلىقى
• مۇۋاپىق دوست تونۇشۇش ئوبيېكتىغا ئۇچرىمىغانلىق، توي قىلمىغانلىقى
• ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزى رازى بولمىغانلىقى، ئۆزى توپتىن چېكىنگەنلىكى، ئاز سۆزلىگەنلىكى، ئىشلەتمەي قويغانلىقى
• توپتىكى باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنىڭ راست ئەمەسلىكى، باشقىلارنىڭ توي قىلغان-قىلمىغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى قاتارلىق باشقىلارنىڭ شەخسىي قىلمىشلىرىنى بايقاش
9.8 بىردىنبىر قايتۇرۇش شەرتى:
پەقەت سۇپا سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈش، سۇپا تەكشۈرۈشتە خاتالىق كۆرۈلۈش، سۇپا سەۋەبىدىن ھەق تۆلەپ گۇرۇپپىغا كىرەلمىگەندە، سۇپا پۈتۈن سوممىنى ئەسلى يول بويىچە قايتۇرىدۇ.
9.9 ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئايرىمى
9.10 بۇ سۇپا پەقەت توردا ئالاقە قىلىش يولىنىلا تەمىنلەيدۇ، ھەر بىر ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەقىقىي ئەخلاقى، سالاھىيىتى، مال-مۈلكى، توي ئەھۋالى، ئۆتمۈشتىكى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىيەلمەيدۇ. بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى، توي ئەھۋالى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرى تولدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىيلىقىغا تولدۇرغۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
9.11 ئىشلەتكۈچىلەر ۋېيشىن توپىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، بارلىق پاراڭلىشىش، دوست تۇتۇش، دوست قوشۇۋېلىش، تور سىرتىدا كۆرۈشۈش، پۇل-مۇئامىلە قىلىش، ھېسسىيات ئالاقىسى قاتارلىقلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى مەخپىي ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
9.12 باشقىلارنىڭ توي تارىخىنى يوشۇرۇش، يالغان بويتاق بولۇۋېلىش، ئۇچۇرلارنى يالغان تولدۇرۇش، ئالداپ دوست تۇتۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بارلىق ھېسسىيات تالاش-تارتىشى، مال-مۈلۈك زىيىنى، جىسمانىي تالاش-تارتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سۇپا بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
4.4 مۇلازىمەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توپقا كىرگەندىن كېيىن، سۇپىنىڭ مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتى ئاخىرلىشىدۇ، كېيىنكى توپ ئىچىدىكى بارلىق شەخسىي ھەرىكەت خەۋپ-خەتىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.
9.13 سۇپىمىزنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى
سۇپا ئاساسىي باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ساقلايدۇ:
ئىشلەتكۈچىلەر ھەقىقىي ئىسپات بىلەن مەلۇم قىلغان: ئېلان، زىيانكەشلىك قىلىش، ھاقارەتلەش، ئالدامچىلىق، شەخسىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، قەستەن ئالداپ دوست تۇتۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارىتا، سۇپا ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، قائىدىگە خىلاپ ئىشلەتكۈچىلەرنى چەكلەش، چىقىرىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، يەنە ئەدلىيە ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىغا ماسلىشىدۇ
9.14 ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىختىيارىي ۋەدەسى
ئىشلەتكۈچى توپقا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن تۆۋەندىكىلەرگە ۋەدە بېرىدۇ:
1. مەن ئۆز ئىختىيارىيلىقىم بىلەن دوست تۇتۇشنى خالايمەن، بارلىق تولدۇرغان ئۇچۇرلىرىمنىڭ (ئوقۇش تارىخىنى تەكشۈرۈش تۈرىدىن باشقا) ھەقىقىيلىقىغا ئۆزۈم مەسئۇل بولىمەن؛
2. مەن سۇپىنىڭ توي قىلمىغان/قىلغانلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، دوست تۇتۇش، كىشىلەرنى تونۇشتىكى خەۋپ-خەتەرنى ئۆز ئىختىيارىيلىقىم بىلەن ئۈستىمگە ئالىمەن؛
3. ھەرگىز ئېلان بەرمەيمەن، باشقىلارنى قىينىمايمەن، ھېسسىياتنى ئالدىمايمەن، ئالدامچىلىق قىلمايمەن، باشقىلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىمايمەن؛
4. ئەگەر مەن يالغان ئۇچۇر بەرسەم، توي تارىخىمنى يوشۇرسام، قەستەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلسام، سۇپا مەڭگۈلۈك ھەيدەپ چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە، پۇل قايتۇرۇلمايدۇ، ھەرقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆزۈم ئۈستىمگە ئالىمەن.
10.قانۇننىڭ قوللىنىلىشى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ماددىلىرى